كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 0

پەيزىۋات ناھىيە پەيزى مىللىيچە كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

394

تېما

1

دوستلىرىم

6545

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-17 14:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزىۋات ناھىيە پەيزى مىللىيچە كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى% m# ]7 \* ]7 B+ m0 M8 H
8 C+ R3 ]% \$ ?
پەيزىۋات ناھىيەسى پەيزى مىللىي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە يېڭى بىر ئەۋلاد كىيىم - كېچەك كەسپى ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە مىللىي كىيىم - كېچەك ماركىسى بەرپا قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ساپاسىنى كۈچەيتىپ، سىرتتا بازار ئېچىپ، دۆلەت ئىچىدە سېتىش بىلەن چەتكە سېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، ئاتۇشتا بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلىپ، مەھسۇلاتلىرى پاكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرىپ، يىللىق سېتىش سوممىسىنى 10 مىليونغا يېتىپ، شىنجاڭ كىيىم - كېچەك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىغا ئايلاندى. پەيزىۋات ناھىيەسى پەيزى كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 3500 كىۋادىرات مېتىر، 2015 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلۇشقا ئىش باشلاپ، 10 - ئايدا زاۋۇت بىناسى، ئىشخانا ۋە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كۆلىمى 2500 كىۋادىرات مېتىر، ئومۇمىي سېلىنما مەبلەغ 12 مىليون يۈەن، يىلىغا 2.5 مىليون قۇر كىيىم - كېچەكنى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرالايدۇ.    بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىچكىرىدىن كەسپى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ 2 قارار تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) خادىم تەربىيەلەپ، 100 مىڭ زاكازنى تاماملىدى. نۆۋەتتە زاۋۇت بارىن بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى206 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلار % 60 نى ئىگىلەيدۇ، ئىشچىلارنىڭ ئايلىقى 2000 ~ 1500 يۈەن، يىللىق كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى. مۆلچەر بويىچە 3 يىل ئىچىدە يېزىلاردىكى 500 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. پەيزىۋات ناھىيەسى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 2016 - يىلى 109.7 مىڭ ئادەم (قېتىم) يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچنى  يۆتكەپ، 10 مىڭ ئادەمنى زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلار % 70 ~ 60 ئىگىلەيدۇ. ئادرېسى: پەيزىۋات ناھىيە بارىن بازىرى قوش كۆۋرۈك كەنتىدە
0 m; l9 d4 W* Q# k( A9 W7 U6667999 -  0998        13999144436
/ P/ N, B3 u, N7 ]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتاي

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|qadam   

GMT+8, 2017-12-18 01:51 , Processed in 0.312815 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5 Licensed

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش