كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 0

ئەزان دۆڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

394

تېما

1

دوستلىرىم

6545

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزان دۆڭ' c2 {, Q3 s- F3 F: V
قورغاس ناھىيەسىدىكى، يەنى كونا قورغاس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالى، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر تۆپىلىكنىڭ (دۆڭنىڭ) نامى.بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىسلام دىنىغا ئائىت تارىخ-تەزكىرىلەردە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىندىغان چىڭگىزخاننىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ تارىم ۋادىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ يوقالغان كەتەك(كېتىك) شەھىرىدىن قىچىپ چىققان مەۋلانە شەيىخ جامالىدىن كېتىكىنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىنىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ ‹‹تارىخ رەشىدى››دىكى بايانلىرىغا قارىغاندا، تۇغلۇق تۆنۈرىخان تەخىتكە ئولتۇرۇشتىن بىر يىل بۇرۇن،ئاقسۇدىكى ئايكۆل دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا مەۋلانە جامالىدىن كېتىكگە خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا ئىسلام دىنىغا كىرىشكە ۋەدە بەرگەن. ئەمما مەۋلانە شەيىخ جامالىدىن كېتىكى غۇلجىدىكى ئالمالىق شەھىرىدە تەخىتكە ئولتۇرغان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ يىنىغا ۋاقتىدا بارالماي، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن قازا قىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە ئالمالىق شەھىرىگە بېرىپ خان بىلەن كۈرشەلمەي، خان چېدىرىنىڭ يېقىن ئارىلىقىدىكى دۆڭلۈكتە ھەر كۈنى ئەزان ئىېتقان ھەم تۇغلۇق تۆمۈرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ دۆڭ ئاۋام ئارىسىدا ‹‹ئەزان دۆڭ›› دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى›› ژۇرنىلى ،1990-يىل 2-سان، 55-بەت).: Z; V: A( x+ s8 U# g
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتاي

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|qadam   

GMT+8, 2017-12-16 20:57 , Processed in 0.249249 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5 Licensed

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش