كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 0

ئۇلۇغچات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

394

تېما

1

دوستلىرىم

6545

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغچات : قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر ناھىيە (شەھەر) نىڭ نامى.ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ‹‹ئۇلۇغچات›› دېگەن بىر يېزىنىڭ نامى بار.بۇ نام ‹‹ئۇلۇغ›› ۋە ‹‹چات›› دېگەن ئككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئۇلۇغ ئېقىننى كۆرسىتىدۇ. ئەمما نيۇروچېن ئەپەندى ‹‹ئۇلۇغچات›› نامىنى قىرغىز تىلدا ‹‹ئۇلۇغ جىلغا›› دېگەن مەنىدە ئىزاھلىغان.(«شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئۇمۇمىي بايان››،خەنزۇچە نەشىرى،130-بەت).يۈۋېيچڭ ئەپەندى: شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى››(خەنزۇچە نەشىرى 103-بەت) ناملىق كىتابىدا‹‹ئۇلۇغ››سۆزنى تۈرك تىلى دېيىش بىلەن قىرغىز تىلدا «ئۇلۇق››، ئۇيغۇر تىلدا ‹‹ئۇلۇغ›› دېيىلىدۇ. «چات›› سۆزى بولسا،جىلغىدىن ئېقىپ چىققان ئېقىندىن ھاسىل بولغان تاغ ئېغىزىدىكى تۈزلەڭلىك دەپ ئىزاھلاپ، ئۇمۇ بۇ نامنى قىرغىز تىلغا تارتىدۇ. ئەمما (‹‹جۇڭگودىكى تۈرك تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلغا ئائىت سۆزلەملەرتوپلىمى››،خەنزۇچە نەشىرى،296-بەت)››تەا ‹‹ئۇلۇغ›› سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلدا ‹‹ئۇلۇغ››،ئۆزبېك تىلدا ‹‹ئۇلۇق››،قىرغىز تىلدا‹‹ئۇلۇ››دەپ تەلەپپۇز قىلندىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گۇننار يارىڭ ئەپەندى «قەشقەرگە قايتا سەپەر ناملىق››ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ«....ئۇلۇغچاتقا كەلدۇق. ئۇنىڭ مەنىسى(ئۇلۇغ ئېقىن قۇشۇلدىغان جاي)ئىكەن.بۇ يەردە بىر دەريا بۇلۇپ، ئۇ يەنە ئىككى ئېقىنغا بۆلۈنگەن بولغاچقا، بۇ جاينىڭ شۇنداق ئاتالغانلىقى ئېنىق››(ئۇيغۇرچە نەشىرى 106-بەت).دېمەك،‹‹ئۇلۇغچات›› ئككى ئۇلۇغ ئېقىن قۇشۇلغان جاي، دېگەنلىك  بۇلدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتاي

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|qadam   

GMT+8, 2017-12-17 23:51 , Processed in 0.290426 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5 Licensed

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش