كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 0

ئاچچىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

394

تېما

1

دوستلىرىم

6545

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 11:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق 阿齐克
  `9 p7 n' {2 u$ t) {' U«ئاچچىق››ۋە ‹‹ئاچچىق›› سۆزىگە باشقا خاس ناملار ياكى پئىللار قۇشۇلۇپ كەلگەن يەر ناملىرىدىن ھازىرقى سىتاتىسكىغا قارىغاندا، 24 يەر نامى مۇشۇ نامدا ئاتالغان. پوسكام، قاغىلىق، مەكىت، يەكەن، ئونسۇ، كىرىيە، لوپ، قاراقاش، ئاقتۇ، ئاتۇش، تۇرپان، چاقىلىق، چىرا، كورلا، يۇپۇرغا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاچچىق دەرياسى، ئاچچىق، ئاچچىق بەلدۇ كەنتى، ئاچچق بۇلاق، ئاچچىق جاڭگال، ئاچچىق ساي، ئاچچىق سۇ، ئاچچىق ئۆي، ئاچچىق يار، ئاچچىق يۇتقان داۋان، ئاچچىق تاللىق، ئاچچىق چوققا تېغى قاتارلىق كەنىت، مەھەللە ۋە يېزا، تاغ، دەريا، كۆل ناملىرى بار.‹‹پەيزاۋات ناھىيەسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى››دە پەيزاۋاتتىكى ‹‹ئاچچىق››نامنى ‹‹زىمىن شورلۇق››دېگەن مەنىدە دەپ ئىزاھلىغان. (‹‹شىنجاڭ تەزكىرىسى››ژۇرنىلى، 1996-سان.4 -سان،54 -بەت). ئەمما ئابلەت ئابباس ئەپەندى ‹‹ئاچچىق››سۆزنىڭ ئىتمولوگىيەسىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا ‹‹باياشات››مەنىسىنى بېردىغان ‹‹ئاچىغ››سۆزى بىلەن باغلىغان .ھالبۇكى، بۇ مەنىنى ‹‹ئاچچىق كۆل››،‹‹ئاچچىق ساي››،‹‹ئاچچىق چوققا تېغى››، ‹‹ئاچچىق يۇتقان››، ‹‹ئاچچىق جاڭگال›› قاتارلىق يەر ناملىرىغا تاڭغىلى بولمايدۇ. ‹‹ئاچچىق›› سۆزى ‹‹باياشات››دېگەن مەنىدىن باشقا ‹‹تۇزلۇق››،‹‹شورلۇق››،‹‹ئاچچىق، عەزەپ››، «ئاچچىق ئازاپ››، «ئاچچىق-ئوچۇق-ئازادە›› دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ يەر ناملىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ،شۇ يەرنىڭ قەدىمكى ياكى ھازىرقى جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، كۆرنۈشى، سۈينىڭ تەمى ۋە ياكى شۇ يەر نامىغا ئائىت بەزى ھېكايەتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتاي

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|qadam   

GMT+8, 2017-12-17 23:52 , Processed in 0.317730 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5 Licensed

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش